تۈركىيە يەمەندە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە يەمەنلىك تەرەپلەر ئارىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسلىرىغا ئاساسەن رامىزان ئېيىنىڭ باشلانغۇچىدىن ئېتىبارەن ئۇدا 2 ئاي ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1806006
تۈركىيە يەمەندە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، يەمەندە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسلىرىغا ئاساسەن، رامىزان ئېيىنىڭ باشلانغۇچىدىن ئېتىبارەن ئۇدا 2 ئاي ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكى، بۇ ئىجابىي قەدەمدىن كېيىنلا، يەمەن مىقياسىدا ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىش ۋە كىرىزىسنى سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدا قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى، تۈركىيەنىڭ بۇ باسقۇچتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاھىدە ۋەكىلىنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاش، بارلىق تەرەپلەرنى  دىيالوگ ئورنىتىش ۋە مۇرەسسەلىشىشكە تەشۋىق قىلىش ھەم يەمەن خەلقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «يەمەندىكى ئىختىلاپنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى ۋە بەلگىلەنگەن خەلقئارالىق پارامېتىرلار دائىرىسىدە، دىيالوگ ئارقىلىق ۋە ئاساسىي قانۇن بويىچە ھەل قىلىنىشى، رايونىمىزدا ئۇزاق مەزگىللىك بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمىز.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى ھانس گرۇندبېرگ، تۈنۈگۈن يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن ھۇسىيلارنىڭ، ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش توغرۇلۇق پۈتۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

يەمەندىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ، بۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى 19:00 دا كۈچكە ئىگە بولۇشى كۈتۈلمەكتە.

يەمەندىكى ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار، 2014-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سانا ۋە بىر قىسىم رايونلارنى كونترول قىلىپ كەلمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بولسا، 2015-يىلى مارتتىن ئېتىبارەن ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، دۇنيا بويىچە ئەڭ نامرات دۆلەتلەردىن بىرى بولغان يەمەندە، ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن، ئىنسانىي تىراگېدىيە قورقۇنچلۇق دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر