قەندىل رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قەندىل رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1806010
قەندىل رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، بۇ دائىرىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قەندىل رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 4 تېررورچىنىڭ، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر