ھاككارىدا ئەرەن قىش ھەرىكەتلىرى باشلاندى

ھاككارىدا 710 خادىم قاتناشقان «ئەرەن قىش-32 شېھىت ژاندارما مىڭبېشى ياۋۇز باشايار» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.

1804943
ھاككارىدا ئەرەن قىش ھەرىكەتلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىش ۋە رايوندا ئۇۋا تۇتقانلىقى ئېنىقلانغان تېررورىستلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، ھاككارىدا «ئەرەن قىش-32 (ھاككارى-ئۆۋەچ) شېھىت ژاندارما مىڭبېشى ياۋۇز باشايار» ھەربىي ھەرىكىتىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھەربىي ھەرىكەتتە، ھاككارى ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم، ئالاھىدە ساقچى قىسىم ئەترىتى، زەربىدارلار ئەترىتى ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچى قىسىملاردىن تەشكىللەنگەن 710 خادىم ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، دۆلەت ئىچىدە تېررورلۇقنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئەرەن قىش ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ، خەلقنىڭ قوللىشى ئاستىدا يۈكسەك ئىشەنچ ۋە قەتئىيلىك بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر