ئەردوغان ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقتا

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن ئۆزبېكىستانغا بارغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تاشكەنت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا مىرزىيايېۋ ۋە رەپىقىسى كۈتۈۋالدى.

1803897
ئەردوغان ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئالدى بىلەن يېڭى ئۆزبېكىستان باغچىسىدىكى مۇستەقىللىق خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى، ئارقىدىن مىرزىيايېۋ تەرىپىدىن كۆك سارايدا رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ قارشى ئېلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيايېۋ مۇراسىمدىكى ئورۇنلىرىنى ئالغاندىن كېيىن، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىق مارشلىرى ئوقۇلدى.

مۇراسىمغا ئەسكەرلەرگە سالام بەرگەن ئەردوغان بىلەن مىرزىيايېۋ بىر – بىرلىرىگە ھەيئىتىدىكىلەرنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئسىتراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىستراتېگىيەلىك شېرىك دەرىجىلىك تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى باشتىن ئاخىر كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ، مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن تاشلاشقا بولىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر