سۈرىيە ۋە ئىراقتا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1801853
سۈرىيە ۋە ئىراقتا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا. ئىراقنىڭ شىمالىدا <پەنجە – چاقماق> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 1 تېررورچى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ئوغرىلىقچە كىرىشكە ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 1 تېررورچى، ئۇرۇش ياردەم ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر