«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييالىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 2 تېررورچى ئۇرۇش ياردەم ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.

1800286
«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالاھىدە ئەترەتلەر، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 2 تېررورچىنى ئۇرۇش ياردەم ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇم تەشەببۇسلىرىغا كۈچلۈك شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر