مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پاكىستاننى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 48-نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پاكىستانغا بارىدۇ.

1799276
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پاكىستاننى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنى 22-مارتتىن (2022) 23-مارتقىچە پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىسلامئاباد زىيارىتى دائىرىسىدە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن مەنسەپداشلىرى بىلەن ئۆزئارا ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر