نەۋرۇز بايرىمىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئىرانلىق ساياھەتچىلەر قىزغىن قارشى ئېلىندى
13 كۈنلۈك نەۋرۇز بايرىمىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئىرانلىق ساياھەتچىلەر مۇغلانىڭ دالامان رايونىدا گۈل - چېچەكلەر بىلەن قارشى ئېلىندى.
1798556

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىن 84 ساياھەتچىنى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلان دالامان ئايرودورومىغا قوندى.
ئىرانلىق ساياھەتچىلەرگە گۈل تەقدىم قىلىندى ۋە تۈرك تاتلىق -تۈرۈملىرى سۇنۇلدى.
ئاندىن ساياھەتچىلەر دەم ئېلىشنى پىلانلىغان مېھمانخانىلارغا ماڭدى.
تېھران-دالامان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇشلار ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تەخمىنەن 20 مىڭ ئىرانلىق ساياھەتچىنىڭ رايونغا كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.