شەنتوپ رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا توختالدى
تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستافا شەنتوپ، رۇسىيەنىڭ 24- فېۋرال ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان ئۇرۇشى پەيدا قىلغان ئىنسانىي تراگېدىيەنىڭ چوقۇم توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا شەنتوپ ئەدىرنەنىڭ كەشەن ناھىيەسىدە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ژۇرنالىستلار بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى ئەسناسىدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان ئۇرۇشى ھەققىدە توختىلىپ: «گەرچە ھازىر ئۇكرائىنا چېگراسى ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل دۇنيا ئارىلىشىپ قالغان بىر كىرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز» دېدى.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىكەنلىكىنى، قوراللىق توقۇنۇش بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئۇرۇشىنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن شەنتوپ: «بىر تەرەپتىن غايەت زور ئىقتىسادىي ۋە سودا ئۇرۇشى بار. رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولار پەقەت رۇسىيەگە ئەمەس، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېدى.
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئاچقان ئۇرۇشىدا ئالدى بىلەن ئىنسانىي كىرىزىسىنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان شەنتوپ: «دەرھال ئۇرۇش توختىتىش، ئاندىن مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئارقىدىن ئىككى دۆلەت ۋە رايونىمىزدا تىنچلىق ئورنىتىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قەدەم بېسىش كېرەك. بۇ مەسىلىدە ھەر ئىككى دۆلەت بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان پەقەت بىرلا دۆلەت بار، ئۇ بولسىمۇ تۈركىيە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئۇ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەچىلىك رولى ھەققىدە توختىلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى تىرىشچانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى ھەمدە تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش بىلەن تىنچلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.