ئاكار ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاكار ئۇكرائىنادىكى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىككى دانە ھەربىي تىرانسىپورت ئايروپىلانى توغرىسىدا ھەم رۇسىيە ھەمدە ئۇكرائىنا بىلەن داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەردىن، كېيىنكى كۈنلەردە ئىجابىي نەتىجە چىقىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1797389
ئاكار ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنادا پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل ھالدا پىرىنسىپلارغا ئاساسەن داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ ھەم رۇسىيە ھەمدە ئۇكرائىنا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈپ، مەسىلىنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتمەستىن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەنلەرنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقىنى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى، دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بۇ ئەھۋالنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شەخسەن ئۆزى ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلىرىدە تىلغا ئېلۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىنسانىي ۋەزىيەت بارغانسېرى يامانلىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشنى شەرت ھېسابلايمىز، تىلغا ئېىۋاتىمىز ۋە تەكلىپ قىلىۋاتىمىز. رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قايتا ئورنىتىش ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقنىڭ بىرسى مونترۆ كېلىشىمىدۇر. بۇ مەسىلىدە، بارلىق تەرەپلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە كۆرۈشۈش ئارقىلىق بۈگۈنگىچە بولغىنىغا ئوخشاش، بۇندىن كېيىنمۇ ئەستايىدىل، سەمىمىي ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا مونترۆ كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇ رامكىدا تىنچلىقنىڭ، مۇقىملىقنىڭ ۋە خاتىرجەملىكنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. بۇ مەسىلىدە ھازىرغىچە بارلىق تەرەپلەر بويسۇندى. ھەر قېتىم مونترۆنىڭ ھەممە تەرەپكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى دەۋاتىمىز. مونترۆ كېلىشىمىنى بۇزۇشنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق. بۇ كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ بويسۇنۇشىنىڭ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تىلغا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.»

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ مارىيۇپول شەھىرىدىكى تۈرك جامەسىدە پاناھلىنىۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا: «ئۇ يەرلەردە گۇرۇپپا ھالىدىكى ئېتىشىشلار بار. شۇڭا، تارقاقلاشتۇرۇش جەريانىدا يۈز بېرىش ئېھتمالى بولغان ئېتىشىشلار سەۋەبىدىن كۈتۈپ تۇرۇش مۇۋاپىق كۆرۈلدى. تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشۈۋاتىمىز. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز بۇ مەسىلە توغرىسىدا كۆرۈشۈشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، تارقاقلاشتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ ۋەقە جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ كۈنتەرتىپىدىنمۇ ھېچقاچان چۈشمىدى» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى «A 400M» تىپلىق ئايروپىلانى توغرىسىدىكى سوئالغا: «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئىككى دانە ئايروپىلانىمىز 23-فېۋرال ئۇكرائىناغا يېتىپ باردى. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى ئۇكرائىنا مەسئۇللىرىغا تاپشۇردى. دەل قايتىدىغان ۋاقىتتا، ھاۋا تەۋەلىكى تاقالدى. بىز مەزكۇر مەسىلىدە، ھەم رۇسىيە ھەمدە ئۇكرائىنا بىلەن كۆرۈشۈۋاتىمىز. ئىككى دۆلەتمۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. ھېچقانداق زىيان كۆرۈلمەستىن ئايروپىلانلارنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز، كۆرۈشۈشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ يەردىن ئىجابىي نەتىجە چىقىشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ رۇسىيە پورتلىرىدا ساقلاپ تۇرۇۋاتقان پاراخوتلار توغرىسىدىكى سوئالغا: «رۇسىيە مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ پاراخوتلار پورتتىن چىقتى ۋە تۈركىيەگە قاراپ ھەرىكەت قىلدى. باشقا پاراخوتلار توغرىسىدىمۇ كۆرۈشۈۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ تۈركىيە-گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى سوئالغا: «سەمىمىي، ئوچۇق-ئاشكارا ۋە دۇرۇست ھالدا ئۇچرىشىۋاتىمىز. ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ بىرىنچىسى ۋە ئۈچىنچىسى ئافېنادا، ئىككىنچىسى تۈركىيەدە ئېچىلدى. تۆتىنچى قېتىملىقىمۇ تۈركىيەدە ئېچىلىدۇ. ئىشەنچنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرى يىغىنى ئۈچۈن گىرېتسىيە ھەيئىتىنى ئەنقەرەدە كۈتىمىز. بۇنى گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نىكولائوس پاناگىيوتوپولوس بىلەن كۆرۈشكىنىمدە ئوتتۇرىغا قويدۇم» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر