ئەردوغان: ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشى ھېچكىمگە پايدىلىق ئەمەس

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1796843
ئەردوغان: ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشى ھېچكىمگە پايدىلىق ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈۈرلىشىچە، كۆرۈشۈشتە ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدا ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۆرۈشۈشتە، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىقنى ئورنىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىيەدە غايەت زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، تېز سۈرئەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوقلوقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ  يەنە، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن پۇتىننى ئۆزئارا كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدا بولسۇن ياكى ئۇكرائىناغا قوشنا دۆلەتلەردىكى ئۇكرائىنا پۇقرالىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈشنىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىنسانىي كارىدورلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تىلغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر