ئەردوغان بەردىمۇھەمەدوۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەمەدوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1796140
ئەردوغان بەردىمۇھەمەدوۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنت سايلاملىرىنىڭ نەتىجىسىنىڭ خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن، ھەمدە تۈركمەنىستاننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سەردار بەردىمۇھەمەدوۋنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەمەدوۋ رەھبەرلىكىدە ئۈلگىلىك تەرەققىيات نىشانلىرىغا يەتكەن بۇ دۆلەتنىڭ، قولغا كەلتۈرگەن بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئورتاق تارىخ ۋە مەدەنىيەتتىن ئۇزۇقلىنىدىغان بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى باسقۇچتىمۇ داۋاملىق كۈچىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر