تۈركىيە بىلەن ئىسىرائىلىيەنىڭ ئورتاق مەقسىتى سىياسىي دىيالوگنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىسىرائىلىيە بىلەن ئورتاق مەقسىتىنىڭ، سىياسىي دىيالوگنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1792763
تۈركىيە بىلەن ئىسىرائىلىيەنىڭ ئورتاق مەقسىتى سىياسىي دىيالوگنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلگەن ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساق ھېرزوگنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى. مۇراسىمدىن كېيىن، ئىككى رەھبەرنىڭ ئايرىم كۆرۈشۈشى ۋە ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈش ئۆتكۈزۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۆرۈشۈشلەر ئاخىرلاشقاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھېرزوگنىڭ بۇ قېتىمقى تارىخىي زىيارىتىنىڭ تۈركىيە-ئىسىرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئىسىرائىلىيە بىلەن ئورتاق مەقسىتىنىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مەنپەئەتلەرگە تايانغان، سەزگۈر مەسىلىلەرگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا سىياسىي دىيالوگنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «رايونىمىزدا تىنچلىقنى، خاتىرجەملىكنى ۋە بىرلىكتە ياشاش مەدەنىيىتىنى قايتىدىن ھۆكۈمران ئورۇنغا ئىگە قىلىشقا ھەسسە قوشۇش بىزنىڭ قولىمىزدا» دېدى.

ئۇ تۈركىيە-ئىسىرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە كۈچىيىشى، ئىككى دۆلەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا مۇھىم بولغىنىدەك، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «پەلەستىن مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلۈكىمىزنى ئوچۇق ئورتاقلاشتۇق. ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۈم» دېدى.

ئۇ كۆرۈشۈشتە، تۈركىيەنىڭ قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتى بىلەن مەسجىدى ئەقسانىڭ دىنىي كىملىكى ۋە مۇقەددەسلىكىنى قوغداشنىڭمۇ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئالدىمىزدىكى مەزگىلنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسىدە رايونلۇق ھەمكارلىق جەھەتتىن يېڭى پۇرسەتلەرنى بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىزنىڭ پەلەستىن ۋە ئىسىرائىلىيە زىيارىتىنى، ئارقىدىن قىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرىمىزنىڭ ئىسىرائىلىيە زىيارىتىنى مۇھىم دەپ قارايمەن» دېدى.

ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ مەقسەتلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ۋە خەلقلەر ئارىسىدا دوستانە مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس سېلىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر