چاۋۇشئوغلۇ بىلەن قالىن تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنى جازالاش پىلانى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان جازا قارارلىرىنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

1788251
چاۋۇشئوغلۇ بىلەن قالىن تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنى جازالاش پىلانى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان جازالارغا ئاۋاز قوشۇشىغا دائىر ھېچقانداق تەلەپ ۋە بېسىمنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇلارنىڭ ئىقتىسادىمىزغا، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىمىزگە قانداق تەسىرى بار؟ ھاۋا بوشلۇقى تەۋەلىكىگىچۇ؟ بىز ئادەتتە بۇ خىل جازالارغا پىرىنسىپ جەھەتتىن قاتناشمىدۇق، بۇ جازالارغىمۇ قاتنىشىش مايىللىقىمىز يوق» دېدى.

تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزۈش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنمۇ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ: «دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم. رۇسىيە بىلەن پاراڭلىشالايدىغان بىر كۈچ بولۇشى كېرەك، ھەممە كۆۋرۈكلەرنى يىقىپ تاشلىغاندا رۇسىيە بىلەن كىم پاراڭلىشىدۇ؟ بۇ قانالنى ئوچۇق قالدۇرۇش ئۈچۈن بىز جازا يۈرگۈزۈشنى پىلانلىمايۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا سۆھبىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل بىلەن ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيەنىڭ قىرىمنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، ئۇكرائىنانىڭ قورالسىزلىنىشى دېگەندەك ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان تەلەپلىرى بار. بىزنىڭ نۇقتىمىزدىن ئېيتقاندا، بۇ قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان تەلەپلەر ئەمەس. بىز دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرگەن نۇقتا، بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى، سۆھبەتتە ئۇرۇش توختىتىش قارارىنىڭ چىقىرىلىشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى بەرپا قىلىشتۇر» دېدى.

قالىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ غەرب بىلەن تېخىمۇ چوڭ كېلىشىم تۈزۈش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز بۇ مەسىلىدە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلىماي، ئۇكرائىنانى قوللاش، غەرب بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر