دىيارباقىردا «ئەرەن قىش – 27» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

دىيارباقىردا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «ئەرەن قىش – 27» ھەربىي ھەرىكىتى  باشلاندى.

1786664
دىيارباقىردا «ئەرەن قىش – 27» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، دىيارباقىردا «ئەرەن قىش – 27 (دىيارباقىر – سارىم ئېقىنى) شېھىت قوراللىق ساقچى ئوفېتسېر سېرژانت  ئەردال شەن» ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغان.

دىيارباقىر ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن باشلىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتكە، قوراللىق ساقچى قىسىم، ساقچى ئالاھىدە قىسىم ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچى ئەترەتلەردىن تەشكىل تاپقان 1070 خادىم ۋە 69 ئالاھىدە قىسىم قاتناشقان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، دۆلەت ئىچىدىكى تېررورلۇقنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئەرەن قىش» ھەربىي ھەرىكەتلىرى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا كەسكىن ۋە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر