«ئەرەن قىش – 26» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

ئەلازىغدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «ئەرەن قىش – 26» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.

1783405
«ئەرەن قىش – 26» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى «ئىزدە – تاپ – يوقات» تاكتىكىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش، ئۇلارنىڭ پائالىيەتكە ئۆتۈش تەييارلىقلىرىنى بىكارغا چىقىرىش ۋە رايوندا ھۇزۇر مۇھىتىنى قوغداش مەقسىتىدە «ئەرەن قىش – 26» ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ھەربىي ھەرىكەتكە 870 ھەربىي خادىم قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش نىشان قىلىنغان «ئەرەن قىش» ھەربىي ھەرىكەتلىرى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا كەسكىن داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر