شەنتوپ بىرۇنېينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ بىرۇنېينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلىدى.

1783498
شەنتوپ بىرۇنېينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، بىرۇنېينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، بىرۇنېي قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇراخمان مۇھەممەد تەيبكە يوللىغان تەبرىك خېتىدە، ئۆزىگە ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن بىرۇنېينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن بىرۇنېي ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى ياخشى مۇناسىۋەتلىرىمىز دائىرىسىدە، پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىقنىڭمۇ ئۆزئارا ئالاقە ۋە دىيالوگ ئارقىلىق كۈچەيتىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، سىز ۋە بىرۇنېي خەلقىگە ئېسەنلىك ۋە ئامانلىق تىلەيمەن. شۇنداقلا، سىزنىڭ نامىڭىزدىن، بىرۇنېي قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ ھۆرمەتلىك ئەزالىرىغا خىزمەتلىرىدە ئۇتۇق تىلەيمەن.»

1888-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان بۇ دۆلەت، 1984-يىلى 1-يانۋار كۈنى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر