جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئافرىقا زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ تۈركىيەگە قايتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىقا زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى.

1783402
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئافرىقا زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ تۈركىيەگە قايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئافرىقا زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى سېنېگالدا پىرېزىدېنت ماكې شالنىڭ «سېنېگال تەنتەربىيە زالى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىشقا تەكلىپ قىلغان دۆلەت رەئىسلىرىنىڭ شەرىپىگە بەرگەن زىياپەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، گىنە – بىسسائۇ زىيارىتىنى كېچىكتۈرۈپ، ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن گىنە – بىىسائۇ زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ناتو رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى رۇسىيەنىڭ يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە تاشلىغان قەدەملىرىنىڭ تەشكىل قىلىشى تەخمىن قىلىنماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر