زېلېنسكىي ئەردوغانغا تەشەككۈر ئېيتتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1783231
زېلېنسكىي ئەردوغانغا تەشەككۈر ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشىدە، رۇسىيەنىڭ ئاتالمىش دونېتسك ۋە لۇخانسكتىن ئىبارەت ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئېتىراپ قىلىش قارارى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كۆرۈشۈشنىڭ ئەردوغاننىڭ سېنېگالدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئەمەلگە ئاشقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، دونېتسكنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيە كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان قارارلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بايانات بىلەن مەيدانىنى نامايان قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، پۇتىننىڭ ئاتالمىش جۇمھۇرىيەتلەرنى ئېتىراپ قىلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان سالىدىغان ھەر قانداق قارارغا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن خەلقئارادا دىپلوماتىيەنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي تۋىتتېردا بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ: «رۇسىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكلىرىگە قارشى ئۇكرائىنانى قوللىغانلىقى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەشەككۈر ئېيتتىم» دېدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا يەنە، ئەردوغانغا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، تۈركىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ بىرلەشمە يىغىن ئېچىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر