ئەردوغان كونگوغا ۋاكسىنا جەھەتتە ياردەم قىلىنىدىغانكلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كونگو دېموكراتك جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكسىنا خۇش خەۋىرىنى بەردى.

1781946
ئەردوغان كونگوغا ۋاكسىنا جەھەتتە ياردەم قىلىنىدىغانكلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىقا زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە يېتىپ باردى.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى فېلىكس تشىسكېدى (Felix Tshisekedi) جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت فېلىكس تشىسكېدى ئايرىم كۆرۈشۈش ۋە ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىز تۈركىيە-ئافرىقا شېرىكلىك يىغىنىدا قوبۇل قىلغان خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىلانىمىز بىلەن 2022-يىلدىن 2026-يىلغىچە بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن پىلان-پىروگراممىلارنى بېكىتتۇق. بىز بۇ رامكا ئىچىدە، سەمىمىيلىك ۋە قېرىنداشلىق ئاساسىدا ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىمىز. 100 مىڭ دانە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى ئېلىپ كەلدىم. سەھىيە مىنىستىرلىقىمىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، 1 مىليون سىنوۋاك ۋاكسىناسى ۋە 100 مىڭ دانە تۈركوۋاك ۋاكسىناسى ئەۋەتىدۇ» دېدى.

پىرېزىدېنت فېلىكس تشىسكېدى: «بۈگۈن تۈركىيە-كونگو مۇناسىۋەتلىرىدە تارىخىي بىر كۈن. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ» دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىقا زىيارىتىدە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىن باشقا، سېنېگال ۋە گىنە بىسساۋ قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ زىيارەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر