ئەردوغان «ئەزىز سانجار» كامپۇسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنقەرەدىكى پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار مائارىپ كامپۇسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تېلېگرامما ئەۋەتتى.

1780361
ئەردوغان «ئەزىز سانجار» كامپۇسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىم پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار نامى بىلەن ئېچىلغان كامپۇسنىڭ، مائارىپقا قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكلىرىنى كۆرسەتكەندىن باشقا، ئەزىز سانجارغا بولغان  مىننەت تۇيغۇلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ كامپۇسنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەپ، بىلىم ساھەسىدە دۆلەتنىڭ ئىپتىخارى بولغان پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجارنىڭ پىروگراممىغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ يېقىنقى 20 يىلدا مائارىپقا سېلىنغان مەبلەغلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يىغىش باشلىنىدىغان مەزگىلگە قەدەم باسقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىلى بولغان 2023 نىشانىغا قاراپ مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەۋاتىمىز. بۇ ۋاقىتتا، بىلىم، مەدەنىيەت، سەنئەت، تەنتەربىيە ۋە تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە يېڭى سەھىپە ئاچىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ يېتىشىشى ئۈچۈن زۆرۈر ئاستىقۇرۇلمىلار قۇرۇلماقتا. بۈگۈن ئېچىلغان بۇ زامانىۋى كامپۇس، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مائارىپىغا قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىمىزنى كۆرسەتكەندىن باشقا، ئەزىز سانجار مۇئەللىمگە بولغان مىننەت تۇيغۇلىرىمىزنىڭ بىر ئىپادىسى مەنىسىگە ئىگە. بۇ يەردە بىر قانچە يىل ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمىز، خۇددىي ئەزىز سانجارغا ئوخشاش ئالىدىغان نوبېل مۇكاپاتلىرى بىلەن تارىخ سەھنىسىدە مىللىتىمىزگە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەن بۇ ئۈمىدلەر بىلەن، كېلەچەكنىڭ ئەزىز سانجارلىرىنى يېتىشتۈرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن مەزكۇر كامپۇسنى دۆلىتىمىزگە پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن روياپقا چىقىرىشقا ئەجرى سىڭگەن كىشىلەرنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. سىلەرنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر سالاملايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر