ئاقار ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار 16 – 17 – فېۋرال كۈنلىرى بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

1779152
ئاقار ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، ئۇكرائىنا – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان بىر پەيتتە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارارگاھىدا چاقىرىلىدىغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، بۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا يېتىپ بارىدۇ.

يىغىن دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يادرو پىلانلاش گۇرۇپپىسى، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ۋە خىرىستىن مۇداپىئەلىنىش – خەۋپكە تاقابىل تۇرۇش تېمىلىق يىغىنلار ۋە باشقا ئولتۇرۇشلارغا قاتنىشىدىغان ئاقارنىڭ، ئەنگلىيە، رۇمىنىيە، گوللاندىيە، لاتۋىيە ، ئېستونىيە ۋە شىمالىي ماكېدونىيە قاتارلىق بىر قىسىم ئەللەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر