ئەردوغان: ئورتاق نىشانىمىز مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئورتاق نىشانلىرىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى ھەر ساھەدە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1778896
ئەردوغان: ئورتاق نىشانىمىز مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە پايتەخت ئەبۇ زەبىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىلىك سودا - سانائەتچىلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغا خىتاب قىلدى.

ئۇ بۇ يەردە مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك قېرىندىشىم شەيخ مۇھەممەد بىن زايىدنىڭ ئالدىنقى يىلى نويابىردا دۆلىتىمىزنى زىيارەت قىلىشى بىلەن تۈركىيە – ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋەتلىرىدە يېپيېڭى بىر دەۋرنى باشلىدۇق. سودا مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى، سېلىنمىلارنىڭ ئاشۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە، كۈچلۈك ئىرادىگە ئىگىمىز. تۈنۈگۈن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلاردا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدۇق. دەرۋەقە، بۇ دائىرىدە 13 كېلىشىمنى ئىمزالىغان بولدۇق. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تۈركىيەنىڭ پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئاساسلىق سودا شېرىكىدۇر. ھازىرقى نىشانىمىز، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەر ساھەدە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتۇر.  تۈنۈگۈن سانائەت ۋە ئىلغار تېخنولوگىيەدىن تىرانسپورتقىچە، ساغلاملىقتىن دېھقانچىلىققىچە ۋە ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشقىچە كەڭ دائىرىدە ئىمزالانغان ھۆججەتلەر، بىزنىڭ بۇ نىشانغا قاراپ ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەش ئارزۇيىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.»

تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر – بىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن دۆلەتلەر سۈپىتىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇھىم مۇساپىلەرنى باسىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «قۇرۇقلۇق يولى، ئاۋىياتسىيە، بانكىچىلىق ۋە پۇل-مۇئامىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھەدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىمىزنى كۈچەيتىش يولىدا بىزمۇ تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلاۋاتىمىز.»

تۈركىيەنىڭ 85 مىليونلۇق نوپۇسى،  بارغانسېرى ئېشىۋاتقان سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، لاياقەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى، فىزىكىلىق ئۇل-ئەسلىھە ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنى بىلەن ئاچقۇچلۇق بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئەردوغان، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى باسقۇچىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋە يېقىنقى 20 يىلدا بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئىقتىسادى% 3.4 تۆۋەنلىگەن 2020-يىلى، بىز ئېشىش سۈرئىتىنى% 1.8 كە يەتكۈزدۇق. ئوخشاش مەزگىلدە، بىز 20 – گ گۇرۇھى ئىچىدە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇق. «بىز ئالدىنقى يىلىنى، % 33 لىك ئېشىش بىلەن 225 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق رېكورت سەۋىيەدىكى ئېكسپورت سودا سوممىسى ۋە 500 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقان تاشقى سودا سوممىسى بىلەن تاماملىدۇق. خۇدايىم بۇيرۇسا، 2021-يىلدىكى ئېشىش رەقەملىرى بىلەن بۇ مۇۋەپپەقىيىتىمىزنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر