ئەردوغان دۇبەي ئەمىرى مەختۇم بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە پايتەخت ئەبۇ دابىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۇبەيگە باردى.

1779150
ئەردوغان دۇبەي ئەمىرى مەختۇم بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 2020 – دۇبەي يەرمەنكىسىدىكى «رەھبەرلىك كۆرگەزمىسى» ساھەسىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇئاۋىن باشلىقى، باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۇبەي ئەمىرى شەيخ مۇھەممەد بىن راشىد ئال مەختۇم بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئىككى رەھبەر ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان زىيارىتى جەريانىدا يەرمەنكە ساھەسىدىكى خاتىرە دەپتىرىگە: «2020 دۇبەي يەرمەنكىسىنى تۈركىيە مىللىي كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارەت قىلدىم ۋە زىيارەت ئەسناسىدا رەھبەرلىك كۆرگەزمە ساھەسىدە كۈتۈۋېلىنغانلىقىمدىن خۇشاللىق ھېس قىلدىم. ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم ئال مەختۇمغا قىزغىن مىھماندوستلۇقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. <پىكىرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ كېلەچەكنى شەكىللەندۈرۈش> دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2020 يەرمەنكىسىنىڭ ئۇتۇقلۇق ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى تەبرىكلەيمەن» دەپ يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر