«ئەرەن قىش – 25» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

ھاققارىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «ئەرەن قىش – 25» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.

1778020
«ئەرەن قىش – 25» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىشلىق ئۇۋىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى «ئىزدەش-تېپىش-يوقىتىش» تاكتىكىسىغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش، ئۇلار پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىش، ئۆز ئۇۋىسىدا يوقىتىش، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتىنى قوغداش مەقسىتىدە، ھاققارىدا «ئەرەن قىش – 25» ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغان.

ھەربىي ھەرىكەتكە 555 ھەربىي خادىم ۋە 37 ھەربىي ھەرىكەت ئەترىتىنىڭ قاتناشقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، دۆلەت مىقياسىدا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىشنى نىشان قىلىدىغان ««ئەرەن قىش» ھەربىي ھەرىكەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر