قەھرىمان تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدا 4 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1777694
قەھرىمان تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدا 4 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پەنچە شىمشەك ھەرىكىتى رايونىدا بايقالغان 4 نەپەر پ ك ك تېررورچىسىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تېرورلۇققا قارشى كۈرەش دۆلەت ئىچىدىمۇ داۋاملاشماقتا.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن سىيىرتتا 545 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «ئەرەن قىش-24 شەھىد ژاندارما سېرژانت ئەركان يالچىن» ھەرىكىتى باشلاندى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، «دۆلەت ئىچىدە تېررورلۇقنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەرەن قىش ھەرىكەتلىرى خەلقىمىزنىڭ قوللىشى ۋە ئىشەنچىسى بىلەن شۇنداقلا قەتئىي ئىرادە بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشماقتا» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر