چاۋۇشئوغلۇ سومالى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سومالى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدىسەئىد مۇسا ئەلى بىلەن تېلېفونلاشتى.

1777527
چاۋۇشئوغلۇ سومالى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، سومالى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلىنىڭ تۈركىيەنى يەرلىك ۋاكسىنىسى تۇركوۋاكنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن تەبرىكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، 9-10 - فېۋرال كۈنلىرى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ھال سورىدى.

تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان سۆھبەت ئەسناسىدا، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ قايتۇرۇۋېتىش نەتىجىسىدە ئىپسالاغا يېقىن جايدا توڭلاپ قازا قىلغان 5 سومالى پۇقراسىغا تەزىيە بىلدۈردى.

چاۋۇشوغلۇ، مۇساپىرلارنى بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قايتۇرۇۋېتىشنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ۋىجدانسىزلارچە قىلمىش ئىكەنلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا سۈكۈت قىلغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى خەلقئارا سۇپىلاردا ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىر ئەلى، مەزكۇر پاجىئەدىن ئامان قالغان پۇقرالىرىغا قىلغان ياردىمى ئۈچۈن تۈركىيەگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر ئەلى سۆھبەت جەريانىدا يەنە، 11 - مارتتىن 13 - مارتقىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر