«ئەرەن قىشلىق ھەربىي ھەرىكىتى» ماردىندا باشلاندى

«ئەرەن قىش، 20 ماردىن، ئۆمەريان شەھىد ژاندارما خادىمى ھارۇن كاھيا» ھەرىكىتى ماردىندا باشلاندى.

1774102
«ئەرەن قىشلىق ھەربىي ھەرىكىتى» ماردىندا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، قىشلىق بازىلىشىش باشقۇچىدىكى تېرورچىلارنى «ئىزدە-تاپ-يوقات» تاكتىكىسى بىلەن ئۇجۇقتۇرۇش، ئۇلارنىڭ بارلىق تەييارلىقلىرىنى ۋە ھەرىكەتلىرىنى بىكار قىلىش ھەمدە رايوننىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا.

بۇ دائىرىدە ماردىندا «ئەرەن قىش، 20 ماردىن، ئۆمەريان شەھىد ژاندارما خادىمى ھارۇن كاھيا» ھەرىكىتى باشلاندى.

ھەرىكەتتە، ماردىن ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە يوللىشى ئاستىدا ژاندارما كوماندىرلىرى، ژاندارما ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى ۋە بىخەتەرلىك قوغداش ئەترىتىدىن تەركىب تاپقان 585 خادىم ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىچكى بىخەتەرلىك ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، 7- نويابىردا باشلانغان ئەرەن قىشلىق ھەرىكىتىدە بۈگۈنگە قەدەر 19 ى ئۆلۈك ۋە بىرسى تېرىك بولۇپ، جەمئىي 20 تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر