ئانتاليادا يەر تەۋرىدى

ئاقدېڭىزنىڭ قىبرىس ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە 5.1 بال يەر تەۋرىدى.

1772565
ئانتاليادا يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەنقەرە ۋاقتى 00.03، ئۈرۈمچى ۋاقتى 03.03 تە ئاقدېڭىزنىڭ قىبرىس ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە 13.20 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا ۋە مەركىزىي نۇقتىسى ئانتاليانىڭ گازىپاشا ناھىيەسىگە 136 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا 5.1 بال يەر تەۋرىگەن.

ۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش، ئانتاليا، مۇغلا، ئادانا، مەرسىن ۋە ھاتايدا ھېس قىلىنغان.

سەھىيە مىنستىرى فاھرەتتىن كوجا تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، يەر تەۋرەش ھېس قىلىنغان ئانتاليا ۋە مەرسىندە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىغا ھېچقانداق تەلەپ بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر