ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1771899
ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون سۆھبىتىدە، بولۇپمۇ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مۇداپىئە مەسىلىلىرى قاتارلىق ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، روۇسىيە-ئۇكرائىنا كرىزىسى، تۈركىيە-ئەرمېنىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىش مۇساپىسى ۋە باشقا رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

سۆھبەت جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئەمەلىيەتچىل، پىلانلىق ۋە سىجىل بىر دىيالوگنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مېخانىزىمنى بالدۇرراق يولغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىبراھىم كالىن سۆھبەتتە يەنە، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر