تۈركىيە ئىراق پارلامېنت باشلىقىنىڭ قورۇسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىراق ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەل ھەلبۇسىنىڭ قورۇسىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1768680
تۈركىيە ئىراق پارلامېنت باشلىقىنىڭ قورۇسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىراق ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەل ھەلبۇسىنىڭ ئەنبار ۋىلايىتىدىكى قورۇسىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، جاۋابكارلارنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېنىقلاپ چىقىلىپ، ئادالەتكە تاپشۇرۇپ بېرىلىشىگە تىلەكداشمىز، تۈركىيە ئىراقنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوللاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.»

ئىراق ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەل ھەلبۇسىنىڭ ئەنبار ۋىلايىتىگە قاراشلىق گارما ناھىيەسىدىكى قورۇسىغا تۈنۈگۈن قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 2 كىشى يارىلانغانىدى.

00



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر