تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 185 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 185 كىشىىگە يەتتى

1767150
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 185 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 392 مىڭ 281 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 65 مىڭ 503 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 75 مىڭ 573 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 140 مىليون 743 مىڭ 552 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر