تۈركىيە ئافغانىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ

تۈركىيە ئافغانىستانغا يەنە بىر قېتىم ياردەم قولىنى سۇنىدۇ.

1766607
تۈركىيە ئافغانىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك قارارنامە، رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

ئافغانىستاندا ئاچارچىلىق ۋە سوغۇق ھاۋارايى سەۋەبىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە موھتاج پۇقرالارنى قوللاش ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

بۇ دائىرىدە، ۋالىي مەھكىمىلىرى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە باشقا دۆلەت ئورۇنلىرى ۋە تەشكىلاتلار تەرىپىدىن توپلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يۆتكەش، شەخسلەر ھەم دۆلەت ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن بىۋاسىتە ئىئانە قىلىنىشى ئۈچۈن، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى تەرىپىدىن دۆلەت بانكىلىرى ياكى خۇسۇسىي بانكىلاردا ھېساباتلار ئېچىلىدۇ.

20 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ دۆلەتلىك ياكى خۇسۇسىي بانكىلاردا ئېچىلغان ھېساباتلارغا ياتقۇزۇلىدىغان ئىئانە پۇللارمۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

قارارنامىنىڭ ھۆكۈملىرى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باشلىقى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر