تۈركىيە سومالىغا ساغلاملىق ياردىمى بەردى
تۈركىيە سومالىغا ھەقسىز ساغلاملىق ياردىمى بەردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ سومالىدىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە داۋاملىق ساغلاملىق ياردىمى بېرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى بىلەن يەر شارىۋى دوختۇرلار، پايتەخت موگادىشۇدا دېكابىردا 353 ئادەمنى تەكشۈردى ۋە 74 كىشىنى ئوپېراتسىيە قىلدى. تۈركىيە سومالىغا زۆرۈر دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ياردەم قىلدى، شۇنداقلا، سومالىلىق ياردەمچى دوختۇرلار ۋە سېستىرالارنىمۇ تەربىيىلەپ بەردى. ئالدىنقى يىلى، سومالىدا جەمئىي 11 مىڭ 627 كىشى تەكشۈرۈلدى.»
ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى، 2011 – يىلدىن بۇيان، يەر شارىۋى دوختۇرلار بولسا، 2019 – يىلدىن باشلاپ، سومالىدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

شىمالىي ئىراقتا توققۇز تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى
شىمالىي ئىراقتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ توققۇز ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.