ئەردوغان: تىنچلىق ئۈچۈن مۇرەسسەچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز مۇمكىن

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش يولىدا زۆرۈر تېپىلغاندا مۇرەسسەچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1766476
ئەردوغان: تىنچلىق ئۈچۈن مۇرەسسەچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، ئىستانبۇلدا كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «(رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش) ئىشغالىيەتكە قاراپ يۈزلەنگەن ھەر قانداق بىر ئۆزگىرىشكە ئايلىنىپ كەتكەن، ياكى ئۇرۇش پارتىلىغان تەقدىردە، بۇ، رايوننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. دەرۋەقە، بۇ ئەھۋال، رايوننى ئېغىر دەرىجىدە پاراكەندىچىلىككە سالغىنىدەك، 40 مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەدە قالايمىقانچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنى قوبۇل قىلمايمىز. تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى، بۇ دائىرىدە، ھەربىي، مەدەنىيەت چىقىش نۇقتا قىلىنغان بارلىق مەسىلىلەردە تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى تەرەققىي قىلماقتا، ئۇكرائىنا بىلەنمۇ شۇنداق. بۇ ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا سەلبىيلىككە ئايلىنىپ قېلىشىنى قوبۇل قىلالمايمىز.»

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن  زۆرۈر تېپىلغاندا تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مەن بۇ مەسىلىدە بىزنىڭ زىممىمىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىمىزنى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئادا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى ئاللىقاچان بايان قىلغانىدىم. ھازىر مېنىڭ ئالدىمدا ئۇكرائىنا زىيارىتى بار. بۇ جەرياندا، بەلكىم (رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) پۇتىن ئەپەندىم بىلەن تېلېفوندا  كۆرۈشۈشۈم، ۋەياكى موسكۋادا زىيارەتتە بولۇشۇم مۇمكىن. بىز رايوندا تىنچلىق ئورنىتىلىشىنى خالايمىز، زىممىمىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشقىمۇ ھەر دائىم تەييارمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر