چاۋۇشئوغلۇ يائىر لاپىد بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يائىر لاپىد بىلەن تېلېفونلاشتى.

1766020
چاۋۇشئوغلۇ يائىر لاپىد بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشچە، مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يائىر ياپىد بىلەن تېلېفونلاشقان.

دىپلوماتىك مەنبەلەر ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساك ھېرزوگنىڭ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدە توختىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشىڭىزنى كۈتىمىز» دېگەن تەكلىپىگە «مەنمۇ تۈركىيەگە بېرىشنى خالايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەزكۇر زىيارەتنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى مۇئەييەنلەشمىگەن بولمىسىمۇ، تۈركىيە - ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمىغان سەۋىيەلەردە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر