تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستىكى تارقاقلاشتۇرۇش قارارىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە مۇستەملىكە ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ شەيخ جەرراھ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق سالىھىييە ئائىلىسىنىڭ ئۆيىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى.
1765537

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، شەيخ جەرراھ مەھەللىسىنى مۇستەملىكە ئاستىدىكى جايلاردىكى پەلەستىنلىكلەرگە يۈرگۈزۈلگەن تارقلاشتۇرۇش ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىش قارارلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنلار ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇسنىڭ نوپۇس ۋە قانۇنىي سالاھىيىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بىر تەرەپلىمە سىياسەتلىرىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ۋە ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق بەرپا قىلىش مۇھىتىغا پايدىسىز ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.