جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى يىتزاك ھېرزوگ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

1764753
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋۇچىچ بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كېلىشىملەرنى ئىمزالىغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىزنىڭ ھېرزوگ ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان سۆھبەتلىرىمىز، بەلكىم ئۇ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىشى مۇمكىن. باش مىنىستىر بېنېت ئەپەندىنىڭ بۇ نۇقتىلارغا قارىتا بەزى ئىجابىي قاراشلىرى بار. مەقسەت بۇ خىل ئىجابىي پوزىتسىيەلەر ئارقىلىق نەتىجىگە ئېرىشىش. ئۆزئارا تەڭ نەپ ئېلىش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغاندىن كېيىن، بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. سىياسەتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جېدەللەر ئۈچۈن ئەمەس، تىنچلىق ئۈچۈن مەۋجۇتمىز؛ ئەگەر نېفىت تىنچلىق ئۈچۈن ۋاسىتە بولسا، بىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىمىز. ئەمما ئەگەر ئۇ تىنچلىقنىڭ قورالى بولمىسا، قارار قىلىش ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە ئائىت. بىز بۇرغىلاش، يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش پاراخوتلىرىنى بىكاردىن بىكارغا ئالمىدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر