جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئالبانىيەنىڭ پايتەختى تىرانغا يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئالبانىيە باش مىنىستىرى رامانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئالبانىيەنىڭ پايتەختى تىرانغا يېتىپ باردى.

1763784
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئالبانىيەنىڭ پايتەختى تىرانغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان راھىبە تېرېسا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئالبانىيە پىرېزىدېنتى راما تەرىپىدىن ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىندى.

مۇراسىمدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مارشلىرى ئورۇنلانغاندىن كېيىن، ئەردوغان بىلەن راما مۇراسىم قاراۋۇللىرىغا سالام بەردى ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى بىر-بىرىگە تونۇشتۇردى.

ئاندىن ئەردوغان بىلەن راما ئالبانىيەدە 2019-يىلى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەرگە تۈركىيە سالغان ئۆيلەرنى تاپشۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن لاچ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى.

زىيارەت دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىدىكى تۈركىيە-ئالبانىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئۇچرىشىشتا، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردىن باشقا يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تىراندا تۈرك ھەمكارلىقى ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA) تەرىپىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئەتھەم بەي جامەسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئالبانىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر