فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ ئىنگلىزچە كىتابى نەشىردىن چىقتى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ «يەر شارى خاراكتېرلىك مالىمانچىلىق دەۋرىدە مۇقىملىقنى ساقلىغۇچى كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن  تۈركىيە» ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى.

1763277
فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ ئىنگلىزچە كىتابى نەشىردىن چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تەرىپىدىن ئىنگلىزچە يېزىلغان «Stabilizing Power in an Age of Turmoil» «يەر شارى خاراكتېرلىك مالىمانچىلىق دەۋرىدە مۇقىملىقنى ساقلىغۇچى كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن  تۈركىيە» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى.

فاھرەتتىن ئالتۇن كىتابىدا، يەر شارى سىستېمىسى بىر خىل قالايمىقانچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پەيتتە، تۈركىيەنىڭ تىزىسلىرى ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچى شۇنداقلا تەرتىپ بەرپا قىلغۇچى رولى چۈشەندۇرۈلىدۇ.

تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 20 يىلدا دۇنيا تەرتىپىدە ئوينىغان رولى ۋە دۇچ كەلگەن خىرىسلار تەھلىل قىلىنغان كىتابتا يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تاشقى سىياسەت تەسەۋۋۇرىنىڭ ئاساسىي پارامېتىرلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

كىتابتا، خەلقئارالىق سىستېمىنىڭ توختىماي كىرىزىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقى تەرەپكە ھەممەيلەننىڭ دىققىتى تارتىلىپ، خەلقئارالىق تەرتىپنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشتىن يىراق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ.

فاھرەتتىن ئالتۇن كىتابىدا، رايون خاراكتېرلىك ئۇقۇشماسلىقلار، كۆچمەنلەر مەسلىسى، كىرىم تەقسىماتىدىكى ئادالەتسىزلىكتىن باشقا يەنە، تور جىنايەتلىرى، كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مۇھىت ئاپەتلىرى، ئاچارچىلىق ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر قاتارلىق يېڭى تەھدىتلەرنىڭمۇ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ كىتابى تۈركىيەدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىكى كىتاب سۆيەرلەرنىڭمۇ دىققىتىگە سۇنۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر