تۈركىيە، تۈركىيە - ئەزەربەيجان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە - ئەزەربەيجان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

1762562
تۈركىيە، تۈركىيە - ئەزەربەيجان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ 30 يىل ئىلگىرى «دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى قايتا ئورنىتىش كېلىشىمنامىسى» نىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن باشلانغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تۇنجى دۆلەت بولغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

ئەزەربەيجاننىڭ 1991- يىلى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باراۋەر ھوقۇققا ئىگە ئەزاسى بولغانلىقىغا دائىر ئىرادىسىنى كۈچلۈك ئىپادىلىگەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتا گويا قوش بايرامنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ: «ئۆتكەن 30 يىل بويىچە تۈركىيە ياخشى – يامان كۈنلەردە دوستى ۋە قېرىندىشى ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا تۇرۇپ كەلدى، بۇنى قەھرىمان ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ 44 كۈنلۈك ۋەتەن ئۇرۇشى ئارقىلىق زېمىنىنى ئىشغالدىن ئازاد قىلغاندىن كېيىن ھېس قىلغان زور خۇشاللىق بىلەن يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ 30 يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئىككى دۆلەتنىڭ قېرىنداشلىق ۋە يېقىن ھەمكارلىقىنىڭ ئورتاق رايوندىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ زور كاپالىتىگە ئايلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا، 2021- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى ئىمزالانغان «شۇشا خىتابنامىسى» بىلەن ئىتتىپاقداشلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ: «جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ <ئەزەربەيجاننىڭ خۇشاللىقى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، ئۇنىڭ قايغۇسى بىزنىڭ قايغۇمىز> دېگەن ئىپادىسىگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇل، شۇنداقلا ئومۇمىي مىللى رەھبەر ھەيدەر ئەلىيېۋ ئوتتۇرىغا قويغان <بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> شۇئارىغا يارىشىدىغان پوزىتسىيەمۇ دەل بۇدۇر» دېگەنلەر قەيت قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر