تۈركىيە «مەرھابا تۈركىيە» سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلىدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى «مەرھابا تۈركىيە» ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلىدى.
1762557
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى، دۆلەتنىڭ ئىسمىنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدا «تۈركىيە» دەپ ئىشلىتىلىشىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كاپالەندۈرۈش ئۈچۈن «مەرھابا تۈركىيە» ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلىدى.