ئەردوغان: ئادالەتسىزلىكلىرىگە قارىماي، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنىلا ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈرلۈك ئادالەتسىزلىكلىرىگە قارىماي، تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1762243
ئەردوغان: ئادالەتسىزلىكلىرىگە قارىماي، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنىلا ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندا سۆز قىلدى.

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەزالىق نۇقتىئىنەزىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىجابىي كۈنتەرتىپنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن، دىيالوگ ۋە دىپلوماتىك يولىنى تاللىغانلىقىنى؛ بۇ دائىرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەتلەر ۋە ئۇچرىشىشلار بىلەن بىرلىكتە كىلىمات، بىخەتەرلىك، كۆچمەنلەر ۋە ساغلاملىق ساھەلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك دىيالوگ ۋە بىخەتەرلىك يىغىنلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئەمما ئەنقەرەنىڭ بۇ قەدەملىرىگە قارىتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۈتكەندەك ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى ئېيتتى.

تاموژنا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭىلىنىشى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئىجابىي كۈن تەرتىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرماسلىق ئۈچۈن تۈركىيەگە قارىتا كېچىكتۈرۈش تاكتىكىسىنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: « سىياسىي مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ، تولۇق ئەزالىقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەرياندا توسقۇنلۇق قىلىش رولىنى ئوينىغانلىقى ئېنىق» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى توغرىسىدا توختىلىپ: «مەن 20 يىل جەريانىدا ياۋروپادىكى سانسىزلىغان رەھبەرلەر، پىرېزىدېنتلار ۋە مىنىستىرلار بىلەن سۆھبەتلەشتىم. تولۇق ئەزا بولۇش يولىدا باسقان قەدەملىرىمىزنىڭ قانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى، دۆلىتىمىزنىڭ قانداق قوش ئۆلچەملەرگە دۇچار قىلىنغانلىقىنى كۆردۈم. بىز دۇچ كەلگەن بارلىق ئادالەتسىزلىكلەرگە قارىماي، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنىلا بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئىشىمىز بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىز بۇ يۆنىلىشتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر