ئەرەن قىش ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

«ئەرەن قىش» ناملىق 14 ئايرىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا ھازىرغىچە 20 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1761503
ئەرەن قىش ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مەۋجۇتلۇقىغا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان «ئەرەن قىش» ناملىق 14 ئايرىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا ھازىرغىچە 20 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قىش پەسلىدىكى ناچار ھاۋارايىغا قارىماي، ئەرەن قىشلىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشتۇرماقتا.

ھەرىكەت باشلانغان 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن بۇيان بىرى تىرىك، 19 نەپىرى ئۆلۈك بولۇپ جەمئىي 20 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ ئىچىدە تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىدىكى ئاتالمىش ​​يۇقىرى دەرىجىلىك تېررورچىلارمۇ بار.

ھەرىكەت جەريانىدا پ ك ك ئىشلىتىۋاتقان 339 غار، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئامبار ۋەيران قىلىندى. ئايروپىلانئاتار، راكېتامىيوت، مىناميوت، ئۇزۇن ئىستۋوللۇق مىلتىق، مەرگەن مىلتىقى ۋە ئوت چېچىش قورالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 86 قورال، 160 دانە قول بومبىسى، 51 دانە قولدا ياسالغان پارتلاتقۇچ، 260 دانە پىلىك، 1 توننا 653 كىلوگىرام پارتلاتقۇچ ماددا، 28 دانە دۇربۇن، 22 سىمسىز ئالاقە ئاپپاراتى، 20 مىڭ 754 پاي ئوق ھەمدە نۇرغۇن تۇرمۇش ماتېرىياللىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر