تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 141 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 141 كىشىىگە يەتتى

1760467
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 141 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە  403 مىڭ 104 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 65 مىڭ 236 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 38 مىڭ 242 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 136 مىليون 898 مىڭ 878 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر