تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قازاقىستاندىن 6 نەپەر خادىمىنى قايتۇرۇپ كەلدى
قازاقىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن پايتەخت نۇر سۇلتاندا نۆۋەتچى ئايروپىلانلار توختىلغان بولۇپ، نۇر سۇلتاندا تۇرۇپ قالغان تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە 2 نەپەر ئۇچقۇچىسى ۋە 4 كابىنېت خادىمى دۇبەي ئارقىلىق تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇر سۇلتاندىن 6 كىشىلىك گۇرۇپپىنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇدىرىيەت رەئىسى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىرەئىسى ئىلكەر ئايجىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن خىزمەت ئىشلەندى.
تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە 6 نەپەر خادىم كېچىدە باشقا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئايروپىلان بىلەن نۇر سۇلتاندىن دۇبەيگە ئېلىپ بېرىلدى.
ئايروپىلان خادىملىرى دۇبەيدىكى ئايرودورۇمدىن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 02:40 دە يولغا چىققان تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئايروپىلانى بىلەن سەھەردە ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى.
ئالمۇتادا قالغان تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە باشقا خادىملارنىمۇ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 12 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 12 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.