چاۋۇشئوغلۇ قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تىلەۋبەردى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1758943
چاۋۇشئوغلۇ قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تىلەۋبەردى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، قازاقىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە تۈركىيەنىڭ قازاقىستاننى قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، كۆرۈشۈشتە 11-يانۋار (2022) دا ئىنتېرنېتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە قازاقىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

قازاقىستاندا 2-يانۋار سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلىشىگە ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي شارائىتلارنىڭ ناچارلىشىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ باشلانغان نامايىشلار، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغان ئالمۇتادا زوراۋانلىق تۈسىنى ئېلىپ، قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.

پىرېزىدېنت جۆمەرت توقايېۋ نامايىشلارغا ھۆكۈمەتنى مەسئۇل دەپ قاراپ، ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلغان ۋە ۋەقەلەرنىڭ كېڭىيىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر