ئەردوغان جۇدى تېغى ھەربىي بازىسىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراق چېگراسىنىڭ نۆل نۇقتىسىدىكى جۇدى تېغىغا جايلاشقان ھەربىي بازىدا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى.

1755429
ئەردوغان جۇدى تېغى ھەربىي بازىسىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىراق چېگراسىنىڭ نۆل نۇقتىسىدىكى جۇدى تېغىغا جايلاشقان «شېھىت قوراللىق ساقچى، ئوفىتسېر، پېشقەدەم سېرژانت خالىد ئۆزچەللىك مودۈلەر  بىخەتەرلىك ھەربىي بازىسى» نى زىيارەت قىلغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى، ئاندىن، تۈركىيەنىڭ ئەڭ زامانىۋى ھەربىي بازىسى بولغان جۇدى تېغى بازىسىنىڭ بىر ھەپتە ئىلگىرى تاماملانغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ يەرنى كۆرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى، ھەمدە بۇ ھەربىي بازىنىڭ  تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئوتتۇرىغا قوۇلۇۋاتقان ئىرادىنىڭ يۈز ئېقى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر سويلۇنىڭ تېلېفونى ئارقىلىق ئەسكەرلەرگە خىتاب قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تېررورىزمغا قارشى داۋاملىشىۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈرەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «سىلەردىن پەخىرلىنىمىز، چەكسىز شان - شەرەپ ھېس قىلىمىز، شۇنى بىلىڭلاركى، ئەتە تارىخ يېزىلغاندا، خەلقىمىز سىلەرنى يازىدۇ، مەنمۇ سىلەردىن پەخىرلىنىمەن» دېدى.

تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ پەخىرلىنىش مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 2022-يىلىنىڭ تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر