تۇنجەلىدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۇنجەلىدە «ئەرەن قىش -6» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1755158
تۇنجەلىدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنجەلى ۋلايىتىدە «ئەرەن قىش  - 6 مەرجان تاغلىرى شېھىت ساقچى مۇتەخەسسىس سېرژانت بۇراق تورتۇملۇ ھەربىي ھەرىكىتى» باشلانغاندىن بۇيان 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، 143 پاناھ جاي، 21 غار يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.

تۇنجەلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم ئەترەتلىرى، شەھەر يېزىلىرىدىكى تېرورچىلارنى تۇتۇش، پاناھ جاي ۋە ئۆڭكۈرلەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ۋەيران قىلىۋېتىش مەقسىتىدە، 19 – نبر كۈنى، 74 مىڭ ئەترەت ۋە 1622 خادىمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن  «ئەرەن قىش -6 ھەربىي ھەرىكىتى» نى قوزغىغان.

باياناتتا يەنە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى 23 قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى بىر تېررورچى تىرىك قولغا چۈشتى، 8 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، ئىككىسى ئاپېلسىن رەڭلىك كاتېگورىيەدىكى، 3 ى كۈلرەڭ كاتېگورىيەدىكى بولۇپ، جەمئىي 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، تېررورچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن 143 پاناھ جاي ۋە 21 غار يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر