تۇركوۋاكنىڭ 3-باسقۇچلۇق پائالىيەتلىرى ئەزەربەيجاندىمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ
تۈركىيەدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان دۆلەتلىك ۋاكسىنا تۇركوۋاكنىڭ 3-باسقۇچلۇق تەتقىقات پائالىيەتلىرى ئەزەربەيجاندىمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ.
1754309
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پەرۋىز ئەبۇبېكىروۋ، تۈركىيەدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان دۆلەتلىك ۋاكسىنا تۇركوۋاكنىڭ 3-باسقۇچلۇق تەتقىقات پائالىيەتلىرىنىڭ ئەزەربەيجاندىمۇ ئېلىپ بېرىلىشىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، تەستىقلانغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇركوۋاكنىڭ 3-باسقۇچلۇق تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ھەيئىتىنىڭ ئەزەربەيجانغا يېتىپ كېلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.